ئۇيغۇرچە - سۈرە بەييىنە

قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » سۈرە بەييىنە

ئۇيغۇرچە

سۈرە بەييىنە - عدد الآيات 8
لَمْ يَكُنِ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ مُنفَكِّينَ حَتَّىٰ تَأْتِيَهُمُ الْبَيِّنَةُ ( 1 ) بەييىنە - الآية 1
ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) كاپىر بولغانلار ۋە مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى
رَسُولٌ مِّنَ اللَّهِ يَتْلُو صُحُفًا مُّطَهَّرَةً ( 2 ) بەييىنە - الآية 2
(ئۇ روشەن دەلىل) پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، اﷲ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇر
فِيهَا كُتُبٌ قَيِّمَةٌ ( 3 ) بەييىنە - الآية 3
ئۇ سەھىپىلەر توغرا ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
وَمَا تَفَرَّقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِن بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَةُ ( 4 ) بەييىنە - الآية 4
كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىنلا ئىختىلاپ قىلىشتى
وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ ۚ وَذَٰلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ ( 5 ) بەييىنە - الآية 5
ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى اﷲ قا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ فِي نَارِ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ أُولَٰئِكَ هُمْ شَرُّ الْبَرِيَّةِ ( 6 ) بەييىنە - الآية 6
ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَٰئِكَ هُمْ خَيْرُ الْبَرِيَّةِ ( 7 ) بەييىنە - الآية 7
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار - ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسىدۇر
جَزَاؤُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ جَنَّاتُ عَدْنٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۖ رَّضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ۚ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَشِيَ رَبَّهُ ( 8 ) بەييىنە - الآية 8
ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. اﷲ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ اﷲ تىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ

كىتابلار

  • قۇرئان كەرىم ھەقىقەت«قۇرئان كەرىم ھەقىقەت» ناملىق بۇ كىتاپ ئىلىم- پەننىڭ ھەر-خىل ساھەلىرىدە ئىختىساسلاشقان 14ئىلىم پەن خادىملىرى بىلەن بولغان، ئىلمى سۆھبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇددىئاسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىلىم-مەرىپەت ئۇگۇنىشكە پائال تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە تەبىئى پەن ھەقىقەتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش «توقۇنۇش»نىڭ ھەزگىزمۇ يوقلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرى 1400يىل ئىلگىرى ئىشارەت قىلىپ ئوتكەن ئىلمى ھەقىقەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.

    يازما : شەيخ ئابدۇلمەجىد زەندانى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئەكرەم ئەھمەد

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/53003

    التحميل :قۇرئان كەرىم ھەقىقەت

  • ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى«ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى»بۇ كىتاپ ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆي ياسىشىغا دائىر قۇرئاندىكى ئىلمى مۆجىزىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.ئاللاھ تائالانىڭ ئۆمۈچۈكنى مىسالغا ئېلىشى، ئۆزىدىن باشقا تاش،ھايۋانات،ئۆسۈملۈك،ئۆلگەن ۋە ھايات ئىنسانلارغا ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئاساستا چوقۇنغۇچى ئىنسانلارغا قارىتا كەلتۇرگەن بەدىئى ئوخشۇتۇش ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتىگە چاقىرىدۇ.

    يازما : ئەبۇلمۇنزىر خەلىل ئىبراھىم ئەمىن

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.قارلۇقى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/66472

    التحميل :ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى

  • ئىماننىڭ ئاساسلىرىئىماننىڭ ئاساسلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ مەشھۇر ئالىم ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىننىڭ بولۇپ، ياش تەرجىمان دىنى زىيالىي ن. تەمكىنى ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئىسلام دۇنياسىدا، ئەقىدە توغرىسىدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى كىتابچە دەپ قارىلىدۇ. بۇ كىتابتا، ئاللاھغا توغرا رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، ساماۋى كىتابلار، ئاخىرەت كۈنى، تەقدىر... قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە قانداق ئىمان كەلتۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى قۇرئان ھەدىس ۋە ئەقلى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    يازما : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    Source : http://www.islamhouse.com/p/178711

    التحميل :ئىماننىڭ ئاساسلىرى

  • ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىبۇ ئەسەر پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئەسەر، تارىخى يازمىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالسىلا بولىدىغان ياكى ئىسلامدىن ئىلگىرىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان رولىنىلا ئوينىماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىشىنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارمىغانلارنىڭ قەلبلىرىگە جۇشقۇن روھ ۋە جاسارەت ئاتا قىلغۇسى.

    يازما : شەيخ ئەھمەد شەپىق بەھجەت

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    Source : http://www.islamhouse.com/p/332520

    التحميل :ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى

  • ئىسلام ئەقىدىسى ھەققىدە سوئال جاۋاپقولىڭىزدىكى بۇ كىتابچە ساماۋىي كىتابلار ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملار دەۋەت قىلغان، ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنىڭسىز دىندا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىغان ، تەۋھىدنى ئاساس قىلغان ناھايىتى پايدىلىق بىر كىتابچىدۇر. بۇ كىتابچە داغدام يولغا، ئاشكارا ھەقىقەتكە باشلاپ، اﷲ نىڭ كامالى سۈپىتىگە زىت كېلىدىغان بارلىق شەكلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىماننى ۋە ئۇنىڭ خىسلەتلىرىنى شەرھىيلەپ بېرىدۇ.

    يازما : ھاپىز ئىبنى ئەھمەد ئەلھەكەمىي

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - سابىرجان

    Source : http://www.islamhouse.com/p/18239

    التحميل :ئىسلام ئەقىدىسى ھەققىدە سوئال جاۋاپ

اختر اللغة

اختر سوره

كىتابلار

اختر التفسير

المشاركه

Bookmark and Share