قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » ياخشىلارنىڭ باغچىسى
ياخشىلارنىڭ باغچىسى
ياخشىلارنىڭ باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ھەدىسشۇناس ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپىددىن نەۋەۋىنىڭ ئۈلۈغ خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ كىتاپ ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى بىلەن كىشىلىك جەمىيەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، ئىبادەت قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا بىلىشگە تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاپ ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى رىياسەتچىلىكى ئاستىدا بىر گورۇپ دىنى زىيالىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.يازما : ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپ نەۋەۋى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/48545
كىتابلار
- ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىبۇ ئەسەر پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئەسەر، تارىخى يازمىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالسىلا بولىدىغان ياكى ئىسلامدىن ئىلگىرىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان رولىنىلا ئوينىماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىشىنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارمىغانلارنىڭ قەلبلىرىگە جۇشقۇن روھ ۋە جاسارەت ئاتا قىلغۇسى.
يازما : شەيخ ئەھمەد شەپىق بەھجەت
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/332520
- ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇقتەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا يېزىلغان سىېلىشتۇرما خاراكتېرلىق كىتاب بولۇپ، ئىسلامدا ھۆرىيەت چۈشەنچىسى، ئىنسان ھەقلىرى نىزامنامىسىنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىنسانىيەت ھەق-ھوقۇقىغا ئائىت نۇقتىلىق بەش نەرسىنى ھىمايە قىلىشنى ئۆز ئۇستىگە ئالغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىسلام شەرىئىتى ۋە ھازىرقى زامان قانۇنىدىكى پرىنسىپلىرى قاتارلىق ھۆرىيەت ۋە ھەق-ھوقۇققا دائىر بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىلىملەر ھوزۇرۇڭلاردا.
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلئەھەد ھاپىز
Source : http://www.islamhouse.com/p/305061
- ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار«ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر، ئايال ساھابىلاردىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) 117 كىشىنىڭ شانلىق تەرجىمىھالىنىڭ قىسقىچى مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى، ھىجرەت ۋە جىھاد مەزگىللىرىدىكى ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىشى...قاتارلىق كۆپلىگەن گۈزەل خىسلەتلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەن تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.
يازما : ھەۋۋا ئەرگەنە ئېشىق
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مىنەۋۋەر بىنتى نىياز
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر ئونلاين توربېكىتى www.uyghuronline.net
Source : http://www.islamhouse.com/p/369732
- شىرىن كالام (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى)«شىرىن كالام» ناملىق بۇ ئەسەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، مەرھۇم داموللا سابىت ئابدۇلباقى ئوغلىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە مىراس قالدۇرغان مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى. بۇ ئەسەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئۆسۇپ يېتىلىشى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كىيىنكى ھاياتى، ئىسلام دىنىنى تارىتىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى قاتارلىقلارنى روشەن بايان قىلىپ بىرىدۇ.
يازما : داموللا سابىت ئىبنى ئابدۇلباقى - داموللا سابىت ئىبنى ئابدۇلباقى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن
Source : http://www.islamhouse.com/p/69734
- ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات«ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئىنسان قانداق قىلغاندا ھەقىقى مۆمىن بولالايدىغانلىقى، مۇسۇلماننى ئىسلام دىنىدىن چېقىرىدىغان ئامىللار، ئاللاھقا ئىمان كەلتۇرۇش،پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،سەماۋى كىتاپلارغا ئىمان كەلتۇرۇش، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،قىيامەتنىڭ بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش،ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىمان كەلتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : مۇھاجىرى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73098












